گوللاندىيە خەلقئارا بانكىسى: سودا سۆھبىتى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن

parida 2018-05-03 17:55:25

\

گوللاندىيە خەلقئارا بانكىسى جۇڭخۇا رايونىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى Iris نىڭ قارىشىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا نىزاسىنىڭ قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككىلا دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجىنى قايتۇرۇۋىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىكەن، چۈنكى بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى ئومۇمىي سودا تەتۈر پەرقىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى يوق دىيەرلىك بولۇپ، بۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تارماقلار مەسىلەن ئوبوروت مۇلازىمىتى ۋە ئالاقىدار ياسىمىچىلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەن. ئەمما جۇڭگو يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماقلىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ساپ ئېكسپورت ۋە ئالاقىدار ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولغاچقا، سودا نىزاسى كەلگۈسى ئىككى يىلدا جۇڭگو GDP قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.