2017-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-06-01 11:07:30

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 7-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.34 دوللار تۆۋەنلەپ ،48.32دوللار/باك بولدى . برېنىت 8-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.53 دوللار تۆۋەنلەپ ،50.31 دوللار/باك بولدى .لىۋىيە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى داۋاملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، نېفىت بازىرىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەندىشە كەيپىياتى پەيدا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەبلەغ سالغۇچىلار قايتىدىن قۇرۇق ئىسكىلات ھاسىل قىلىپ ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.74 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 50.24 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى
1.چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 49.71-47.73 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسىنى كۈزۈتۈشنى ئاساس قىلدۇق ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندا نېفىت باھاسى 49 دىكى تېرەكنى بۇزۋەتكەنلىكتىن ، بىز نېفىتنى 49 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، ئەگەردە بۇ باھا ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان خېرىدارلار بار بولسا ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن 47.73 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ، چۈشۈش ماللارنى پايدىدا قولدىن چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى ، ھەمدە كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز نېفىتنى 47.8-48 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، تەھلىل يوللانغاندىن كىيىن نېفىت باھاسى تەھلىل بۇيىچە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمەيلا ئۆرلەپ ، پايدا رايونلىرىغا يىتىپ قالدى ، ئومۇمەن تۈنۈگۈن نېفىت باھاسى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشنى ، تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى .
2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
49

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.