ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ زاپسى ئۇدا سەككىز ھەپتە تۆۋەنلىدى

gulbostan 2017-06-01 11:07:41

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API) چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 31-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىتى ۋە بېنزىن زاپسى زور مىقداردا تۆۋەنلىدى، ئەمما چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپاس مىقدارى ئاشتى.
ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API)نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى سەككىز مىليۇن 670 مىڭ تۇڭ، كۇشىڭ خام نېفىتىنىڭ زاپاس مىقدارى يەتتە مىليۇن 530 مىڭ تۇڭ ئازايدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە بېنزىن زاپسىنىڭ مىقدارى 17 مىليۇن 260 مىڭ تۇڭ ئازايدى، تەھلىلچىلەر بىر مىليۇن يۈز مىڭ تۇڭ ئازىيىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفىتسىر-جەڭچىلەر خاتىرە كۈنىدە بېنزىنغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى، بۇ ئاساسەن كېيىنكى ھەپتىسى ئېلان قىلىنغان ئىسكىلات سانلىق مىقدارىدا ئىپادىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى ھەپتە، چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپاس مىقدارى بىر مىليۇ 240 مىڭ تۇڭ ئاشتى، تەھلىلچىلەر يەتتە مىليۇن 550 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى ئىككى مىليۇن 850 مىڭ تۇڭ ئازايدى، چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى كۈنىگە بىر مىليۇن 360 مىڭ تۇڭ ئاشتى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.