2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-02-27 11:21:12

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى ئامېرىكا 4-ئايلىق WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى 0.46دوللار تۆۋەنلەپ،53.99دوللار/باك بولدى .برېنىت 4-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.59دوللار تۆۋەنلەپ ،55.99دوللار/باك بولدى .ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سانى ئۇدا 7ھەپتە ئېشىپ ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى ، بىراق نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPECتەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى يەنىلا نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 53.76دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 56.08دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.جۈمە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 54.51-53.76دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى ،جۈمە كۈنى بىز نېفىتنى تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلدۇق ، يەنى نېفىت باھاسى 53.5-53.7ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەندە ئۆسۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 54.5-55ئەتراپىغىچە كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، نېفىت باھاسى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ تۆۋەن 53.7ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ئۆسۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى ، ئەگەردە بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغان بولساق ، ھەم قولىمىزدىكى ئۆسۈش مېلىنى 54.5ئەتراپىدىكى باھالاردا قولدىن چىقارغان بولساق ، 0.8دوللار ئەتراپىدا پايدا كۆرگەن بولىمىز ،ئەگەردە قولىمىزدىكى ئۆسۈش مېلىنى چىقارمىغان بولساق ، بۈگۈن نېفىت باھاسى 54.3ئەتراپىغا ئۆرلىگەندە ، قولىمىزدىكى ئۆسۈش مېلىنى چىقىرىپ تۇرىمىز ، ئومۇمەن سودا يۆلىنىشى ئۆسۈش يۆلىنىشىنى ئاساس قىلدى .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
54.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.