2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-02-27 10:50:53

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە (2-ئاينىڭ27-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1258 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. جۈمە كۈنى (2-ئاينىڭ24-كۈنى) ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىرامپ ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ تەسىرى بەلكىم بۇ يىل ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن دەپ بىشارەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن دوللار چۈشۈپ ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ ئۈچ يېرىم ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1260.25 دوللارغا چىققان. بۇ ھەپتە تىرامپ پارلامېنتتا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىغا ئايىت نۇتۇق سۆزلەيدۇ، بازار بۇ نۇتۇقتا مالىيە سىياسىتىنى، باج - ھەق ئىسلاھات تەدبىرگە ئايىت ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1249.4-1260.2 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى كۈندۇزى تەرەپتىكى تەھلىلدە 1245 دوللار بىلەن 1248دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن بۇنىغا پۇرسەت بەرمىدى، چۈشتىن كېيىن 1254-1255 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1250 دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن پايدا رايونىغا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي، زىياننى 1257 دوللاردا توغۇرلىغانلار بولسا زىياندا مال چىقىپ كەتتى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1253-1255 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئەڭ تۆۋەن1253دوللارغىچە پۇرسەت بەردى، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1257 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 3دوللار زىيان، 4دوللار پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇن باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1265
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.