2017-يىلى 2-ئاينىڭ7-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-02-07 11:01:02

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا3-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 0.82دوللار تۆۋەنلەپ ،53.01دوللار/باك بولدى .برېنىت4-ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 1.09دوللار تۆۋەنلەپ ،55.72دوللار/باك بولدى . گەرچە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPECتەشكىلات يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنى تەرتىپلىك ئىلىپ بارغان بولسىمۇ ، لېكىن دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ، ھەمدە ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ قايتا ئىشىپ كېتىشى نېفىت بازىرىنىڭ ئەندىشە كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ ، نېفىت باھاسىغا يەنە بىر قېتىم چۈشۈش بېسىمى ئىلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 52.91دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 55.66دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.دۈشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 54.13-52.91دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى 54-54.05ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 53.8-53.6ئەتراپىغىچە كۆردۇق ، زىياننى 54.4گە تەڭشىدۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.45دوللار پايدا كۆرۈلدى ، ھەمدە بىز قولىمىزدىكى چۈشۈش ماللارنى پايدا رايونىدا چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن ، نېفىت باھاسىدا 53.5دىكى باھاغا دىققەت قىلىپ ، ئەگەردە 53.5دىن چۈشۈپ كەتسە 53-53.2ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللىندىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق ، بىز ئەسكەرتكەن بۇيىچە كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى 53.5دىن تۆۋەنلەپ ، 53.2-53ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللەندى ، ھەم 52.9دىكى باھادىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ،نېفىتنى 53.2-53.3ئەتراپىدىن يېنىك ئۆسۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 53.5ئەتراپىغىچە كۆردۇق ،بۇ سودا تەھلىلدىن 0.3دوللار پايدا كۆرۈلدى ، ئومۇمەن تۈنۈگۈن سودا بىز ئەسكەرتكەن بۇيىچە ئىلىپ بېرىلدى .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
54

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.