2019-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2019-02-15 11:47:59

\


ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 3‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.51 دوللار ئۆرلەپ، 54.41 دوللار\باك بولدى. برنېت 4‏-ئايلىق قەرەلىك نېفىت باھاسى 0.96 دوللار ئۆرلەپ، 64.57 دوللار\باك بولدى. نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەسىر ھازىرمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسۈتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جوڭگو ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان سېگىنالى بازاردىكى ئەندىشە كەيپىياتىدا ياخشىلىنىش شەكىللەندۈردى، شۇ ئارقىلىق نېفىت بازىرىدا يېقىندىن بۇيان شەكىللىنىۋاتقان نېفىت باھاسىغا پايدىسىز بولغان ئامىللار تەسرىنى يوققا چىقاردى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 54.68 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 64.81 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچ
پەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 53.09-54.66 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 54 ئەتراپىدىكى باھادىن ئۆسۈشكە مال ئالدۇق ھەم قولىمىزدىكى ئۆسۈش ماللىرىنى 54.3-54.6 ئەتراپىدىكى باھالاردا قولىمىزدىن چىقاردۇق، چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا بازىرىدا 54.6 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە مال ئالدۇق ھەم چۈشۈش ماللىرىنى 54.4-54.3 ئەتراپىدىكى باھالاردا قولىمىزدىن چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى بىز تەھلىلدە دېگەن چۈشۈشكە ئېلىش رايونلىرىغا پۇرسەت بەرمەيلا چۈشۈپ كەتتى، ئەگەر بالدۇراق چۈشۈشكە ئالغان خېرىدارلار بولسا مۇۋاپىق پايدا شەكىللەنگەن بولاتتى. تۆنۈگۈنكى ئۈچ قېتىملىق يوللانغان نېفىت سودا تەھلىلىدىن جەمئىي 0.9 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن نېفىتنى بازار ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشنى ئاساس قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
53.5
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.