2019-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

ilkan_atigul 2019-02-15 11:40:06

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا، نەق مال ئالتۇن1312دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش قىلدى، تۈنۈگۈن كەچتە ئالتۇن تەۋرەنمە تەۋرىنىش قىلىپ ئۆرلىدى، چۈنكى ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى زور نىسبەتتە مۆلچەرگە يەتمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، خەۋەرلەردە ئېيتىشىچە ترامپ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ ئالتۇننىڭ ئۆرلىشى ئۈچۈن ئازراق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى سودا كۈنىدە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۈلۈدىغىنى جۇڭگۇ-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەچتىكى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلارمۇ بەزى يوليورۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى 1314.40دوللار بىلەن 1302.35دوللار ئارىلىقىدا بولدى، ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇننى 1310-1312دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1309ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشۈش ماللىرىنى 1306ئەتراپىدا بىرقىسمىنى چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. ياۋرۇپا بازىرىدا داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى تەھلىلىنى ئاساس قىلدۇق، چۈشۈش ماللىرىنى ئەڭ تۆۋەن 1304ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 1307-1309دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1311ئەتراپىغىچە چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، ئارام ئىلىشتىن بۇرۇن چۈشۈش ماللىرىنى 1308ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 3دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئالتۇننى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 1303 1310 1317

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.