2018-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2018-12-12 11:33:28

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 1‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.65 دوللار ئۆرلەپ، 51.65 دوللار\باك بولدى. برېنت 2‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.23 دوللار تۆۋەنلەپ، 60.20 دوللار\باك بولدى. لېۋىيە نېفىت تەمىنلەش ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلىشى نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى، بىراق دوللار باھاسىنىڭ بېسىم بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىشى ھەم ئەندىشە كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراتتى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 52.43 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 61.10 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى
سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 50.70-52.43 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، .ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 50.9-51 ئەتراپىدىكى باھادىن ئۆسۈشكە مال ئالدۇق، چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا بازىرىدا 51.2-51.5 ئەتراپىدىكى باھالاردا قولىمىزدىكى ماللارنى چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىردا 51.5 ئەتراپىدىكى باھادىن ئۆسۈشكە مال ئالدۇق ھەم 52-52.2 ئەتراپىدىكى باھالاردا قولىمىزدىن چىقاردۇق. تۆنۈگۈنكى ئىككى قېتىملىق يوللانغان نېفىت تەھلىلىدىن جەمئىي 1.3 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن نېفىتنى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
51.8 52.2
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.