قەرەللىك پاختىنىڭ باھاسى ئۆستى

parida 2017-07-18 13:17:49

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: قۇرغاق ھاۋارايىنىڭ پاختىچىلىق رايونلىرى يەنى تېكساس شىتاتىدىكى پاختا زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىغا بولغان ئەندىشە تۈپەيلىدىن، قىتئەلەر ئارا سودا مەركىزى (ICE) دە دۈشەنبە كۈنى قەرەللىك پاختىنىڭ باھاسى %2 ئۆستى. 12-ئايلىق قەرەللىك پاختىنىڭ توختام باھاسى 1.18 سېنت ياكى %1.8 ئۆستى، ھەر قادىقىنىڭ باھاسى 67.76 سېنت بولدى، سودا ئارىلىقى 68.23-66.6 بولدى.
فرانسىيە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى GabrielCrivorot نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى پاختا باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى دەل-كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە تېكساس شىتاتى ۋە ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز بولۇش دوكلاتى بولۇپمۇ ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇشى سەۋەبىدىن بولغان. كېلىپ چىقىدىغان زىيان كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك مال سودا كومىتېتى (CFTC) ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇدا 8 ھەپتە قولىدىكى مالنى ئازايتقان. 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسكىلاتتىكى قەرەللىك پاختا ساپ مىقدارىنى 4.592 قولدىن 20،821 قولغىچە ئازايتقان، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. قەرەللىك مال بازىرىدىكى ئومۇمىي پۈتۈشۈش مىقدارى 1.240 قولدىن 15،977 قولغىچە ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى بىر كۈنى بېسىقتۇرۇلمىغان ئامبار توختام باھاسى 1.547 قول ئاشقان، ئومۇمىي مىقدارى 216،306 قول بولغان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ICE ھېساب ئۈزىدىغان ئامباردا، 2-نومۇرلۇق قەرەللىك پاختىنىڭ توختام مىقدارى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ 62،690 قول بولغان، ئالدىنقى سودا كۈنىدە 66،825 قول بولغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.