تىرامىپ «ئەجەللىك زەربىگە» ئۇچرىدى

parida 2017-07-18 14:23:05

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ «يۇمشاق قول» زەربىسىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا دوللىرى يەنە بىر يېڭى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامىپنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھەسىدە قارشى بېلەت تاشلىغۇچى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسىدىن ئىككىسى كۆپەيگەن، نەتىجىدە نۆۋەتتىكى قوللاش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر لايىھەنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە توسالغۇ بولغان. تىرامپنىڭ كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدۇ، يېڭىدىن ھاكىميەت بېشىغا چىققان تىرامپ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ «ئەجەللىك زەربە» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

\
\

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ يەنە ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قارشى بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتى چوڭ بىر قېيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى دۈشەنبە كۈنى ئايرىم-ئايرىم تىۋىتتېردا ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى داۋالىنىش لايىھەسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تۆت نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى مەزكۇر لايىھەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى لايىھەنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، باشقا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئاق سارايدا زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن كۆرۈشتى، تىرامپ يەنە لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ قانۇن تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم غەلبىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن قاتتىق زەربە ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.