CBOT قەرەللىك بۇغداي باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-07-13 13:37:29

\


چارشەنبە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك بۇغداي باھاسى تۆۋەنلىدى، سەۋەبى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئايلىق ئېھتىياج-تەمىنلەش دوكلاتى سانلىق ئۇچۇرى پايدىسىز چىققان، ھەمدە كۆممىقۇناق باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش تەسىرىگە ئۇچرىغان. 9- ئايلىق CBOT يۇمشاق قىزىل كۈزگى بۇغداي توختام بازار يېپىلىش باھاسى 16 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر بۇشىل 5.37 دوللار بولدى.

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى (USDA) ئايلىق تەمىنلەش- ئېھتىياج دوكلاتىدا، ئامېرىكا 2017/18 يىللىق بۇغداي زاپاس مىقدارى مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ 938 مىليون بۇشىلغىچە بولغان، بۇ 6- ئايدىكى 924 مىليون بۇشىلدىن تۆۋەن بولغان. ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى 2017/18 يىللىق بۇغداي مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرىنى 176 مىليون بۇشىلغىچە تۆۋەنگە تەڭشىگەن بولۇپ، 6- ئايدىكى 1824 مىليون بۇشىلدىن تۆۋەن بولغان، بىراق ئوتتۇرچە مۆلچەر قىممەت 1748 مىليون بۇشىلدىن يۇقىرى بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى يەنە ئامېرىكا كۈزگى بۇغداي مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرىنى 6- ئايدىكى 125 مىليون بۇشىلدىن 1279 مىليون بۇشىلغىچە يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇ بازار مۆلچەرىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلىشىدۇ.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى 166,649 قول بولدى.


\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.