يېللىننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تىرەكلىك رول ئوينىدى

parida 2017-07-13 13:06:10

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 12-كۈنى) داۋاملىق ئۆرلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1225.60 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ياراتتى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن پارلامېنت يىغىنىدا گۇۋاھلىق سۆزى بەردى، يېللىننىڭ يازمىچە گۇۋاھلىق سۆزىدە «يۇمشاق قول» ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تىرەكلىك رول ئوينىدى. يېللىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئىنكاسى بىر مۈجمەل ئامىل بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى يەنە يۇقىرىلىمىغان ئەھۋالدىمۇ نېيترال ھالەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ داۋاملىق %2 لىك نىشاندىن تۆۋەن بولۇشىغا قارىتا ھۇشيارلىقىنى ساقلىماقتا. چارشەنبە كۈنى كانادا مەركىزىي بانكىسى ئۆز قەرەلىدە ئۆسۈمگە 0.25 ئاساسىي نۇقتا قوشتى، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %0.75 ئۆستى؛ كانادا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Poloz نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى مەزگىللىك سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەمما ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۆلچەرلەش ئىنتايىن مۇھىم. ۋاقىتلىق ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، كانادانىڭ پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى %1.8 بولۇپ، كانادانىڭ ئىقتىسادى يەنىلا خىيىم-خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.