ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-01-16 13:18:36

\


جۈمە كۈنى ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال بازىرى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى. جۈمە كۈنى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى دوكلاتىدا ، شەخسىي ئېكىسپورت سودىگىرى نەمەلۇم جايغا 1.32 مىليون توننا سېرىق پۇرچاق ئېكىسپورت قىلدى، 2016/17 يىل مال تاپشۇرىدۇ.

ئامېرىكا قولتۇقى ، ئامېرىكا 1- نۇمۇرلۇق سېرىق پۇرچاق نەق مال ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.8625 دوللار بولۇپ، توختام ھەر توننىسى 399.1 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 6 سېنت يۇقىرى ئۆرلىگەن. لۇئىسسانا قولتۇقى ئاساس باھا پەرقى 3- ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 38-42 سېنت يۇقىرى چىقىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشتى.

ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا ، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېتىۋالغان سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.3875 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 6 سېنت يۇقىرى بولدى. ئاساس باھا پەرقى 3- ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 15 سېنت تۆۋەنلەپ تەڭلەشتى، ھەم ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشتى.

جۈمە كۈنى ، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى. 3- ئايلىق توختام ئالمىشىدىغان قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 6 سېنت يۇقىرى بولۇپ، 1046.25 سېنت/ بۇشىل بولدى؛ 3- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 6.5 سېنت يۇقىرى بولۇپ، 1055.5 سېنت/ بۇشىل بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.