پاختا باھاسى ئۇدا ئۈچ كۈنلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

gulbostan 2016-08-09 14:47:52

\

ھاۋارايىنىڭ ياخشىلىنىشى پاختا باھاسىغا نىسبەتەن بېسىم ئېلىپ كېلىپ، تۆنۈگۈن پاختا باھاسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئۈچ كۈنلەش ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تېرىلغۇ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكىنىڭ پاختا ئۆسۈش ئەلالىق نىسبىتى ئۇدا تۆت ھەپتە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى%50 تىن تۆۋەنلەپ%48 كە چۈشۈپ قھلدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە %56 كە يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.