ئامېرىكا نەق مال كۆممىقۇناق باھاسى ئۆستى

karima 2016-05-27 18:02:22

\

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كۆممىقۇناق باھاسى چىكاگو قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلىدى.

ئامېرىكا قولتۇقىدىكى، 2- نۇمۇرلۇق سېرىق كۆممىقۇناق نەق مال باھاسى ھەر بۇشىل 4.3825 دوللار، ھەر توننىسى 172.5 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 2.5سېنت/بۇشىل ئۆستى.

لۇئىسئانا قولتۇقىنىڭ ئاساسىي باھا پەرقى 7- ئايلىق CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىدىن 30 سېنت يۇقىرى چىقىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 28-34 سېنت يۇقىرى چىقتى.

ئىللىنوئىس ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا، كۆممىقۇناق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېتىۋالغان ئىككىنچى نۇمۇرلۇق سېرىق كۆممىقۇناق ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر بۇشىل 4.0775 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3 سېنت ئۆسكەن. ئاساسىي باھا پەرقى 7- ئايلىق CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىدىن 6 سېنتتىن تۆۋەن 5 سېنتتىن يۇقىرى بولغان.

پەيشەنبە، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك كۆممىقۇناق بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى. پۈتۈن كۈن تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولدى، يېقىنقى مەزگىلدە توختام باھاسى10 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھانى كۆرسەتكەندىن كېيىن دېھقانلار نەق مالنى سېتىش كۈچىنى زورايتتى. 2016- يىل 7- ئايدا قەرەللىك كۆممىقۇناق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 408.25 سېنت/بۇشىل بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 3.5 سېنت يۇقىرى بولدى، 9- ئايلىق كۆممىقۇناق بازار يېپىلىش باھاسى 410.5 سېنت/بۇشىل بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 3.25 سېنت يۇقىرى چىقتى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.