بازار كەچتە ئېلان قىلدىغان يېلىننىڭ سۆزىنى كۈتمەكتە

karima 2016-05-27 18:46:42

\

ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئۆسۈم قوشۇش سىگنالىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆسۈش دائىرسىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى ؛ ياۋرۇ/دوللار باھاسى 1.1180 گىچە تۆۋەنلىدى؛ دوللارنى ياپۇنىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش يەنىلا ئالدىنقى ھەپتە كۆرسەتكەن ئۈچ ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتا 110.59 دىن تۆۋەن بولدى. كەچتىكى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا، بىرىنچى پەسىللىك GDP تۈزەتمە قىممەت دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ دىققەت قىلدىغان نۇقتا يەنىلا شەنبە سەھەر 1:15 دىكى يېللىن (Janet Yellen) نىڭ سۆزى بولۇپ، بازار بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى ئۆسۈم نىسبىتى يولى توغرىسىدا يېڭى كۆرسەتمىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.