CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى

karima 2016-02-03 13:41:08

\


سەيشەنبە چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى ئۆسۈپ، ئالتە ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۆسۈش دائىرسى كىچىكلىدى، سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە مەبلەغ سالغۇچىلار چۈشۈش مېلىنى تولۇقلىشى بازارنىڭ مۇقىملىشىشغا تۈرتكە بولغان.

بازاردا ئاز مىقداردا چۈشۈش مېلىنى تولۇقلاش سودىسى كۆرۈلۈپ، يېقىنقى ئايدىكى 3- ئايلىق CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق توختامى 5- ئاي ۋە 7- ئايلىق كۆممىقۇناق توختامىغا يېتىشۋالغان، چۈنكى سودىگەرلەر توختام قەرەلىنى كېيىنكى ئايلاردىكى توختام ۋاقتىغىچە ئۇزاتقان.

3/5 ئايلىق كۆممىقۇناق باھا پەرقى كىچىكلەپ، 5- ئايدىكى 5 سېنتقىچە يۇقىرى بولغان. قىسمەن سەۋەبى ئامېرىكا نەق مال كۆممىقۇناق بازىرىدا سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئاجىز بولغان.

ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ كۆممىقۇناق باھاسى يېقىنقى مەزگىلدە ئۆستى، بۇلتۇر يىغىۋېلىنغان كۆممىقۇناقتىن ئاز مىقداردا سېتىلغان بولۇپ، بۇ نەق مال باھا پەرقىنىڭ ئۆسۈش دائىرسىنى چەكلەپ قويدى.

3- ئايلىق كۆممىقۇناق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 11/4 سېنت يۇقىرلاپ، 3.721/2 دوللار بولدى.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى 343,746 قول بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.