شىنجاڭ كوللېكتىپ نوپۇس ھەققى بىكار قىلىندى

guzalnur 2016-02-03 14:33:28

\

2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇس باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ھەققىنى بىكار قىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا شىنجاڭدا كوللېكتىپ نوپۇسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئىختىساسلىق خادىم مۇلازىمىتى ئورنىدا يىللىقى 120 يۈەن بولغان مۇلازىمەت ھەققىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەق ئېلىشنى بىكار قىلغانلىق سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى توختاتسا ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ ھەق ئالسا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسى نوپۇسىنى ئۆزىنىڭ كادىرلار ئارخىپى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئورنىنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىدا ساقلىغان كۆچمە نوپۇس خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى شۇ دائىرىدىكى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شۇ كىشىگە ياردەملىشىپ كۆچمە نوپۇسلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى ۋە نوپۇس ئىستاتىستىكىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش، نوپۇس ۋارىقىنى ساقلاش، ئارىيەتكە بېرىش قاتارلىق دائىملىق باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.