ئارگىنتىنا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-10-06 16:23:56

\


ئارگىنتىنا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى پەيشەنبە كۈنى يۇقىرى ئۆرلىدى، سەۋەبى ئامېرىكا قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان.

روسارىئودا سېرىق پۇرچاق باھاسى ھەر توننىسى 4400 پىسو بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ھەر توننىسى 4300 پىسو بولغان.

پەيشەنبە كۈنى ، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزىنىڭ قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 1% يۇقىرى ئۆرلىدى، سەۋەبى پۇرچاق تىرىپى بازىرىنىڭ ئۆسۈش تۈرتكىسدىن بولدى، سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلېرىنىڭ جەنۇبىي قىسمدىكى ھۆل- يېغىن سەۋەبىدىن يەنە بىر قەدەم كېچىكىپ يىغىۋېلىش پىلانىدىكىدىن ئارقىدا قالدى.

11- ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 10 سېنت يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر بۇشىل 9.68-1/4 دوللار بولدى.

ئارگىنتىنانىڭ جەنۇبىدىكى پورت سېرىق پۇرچاق سودا پۈتۈم باھاسى ھەر توننىسى 4200 پىسو بولدى.


\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.