غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى توسۇپ قالالامدۇ؟

parida 2017-10-06 16:30:45

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (10-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولدى، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا دوللىرى 7 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولدى. بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا 9-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالتۇن باھاسىدا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ.
Saxo بانكىسىنىڭ تاۋار تاكتىكىچىسى Ole Hansen نىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئۆسۈم نىسبىتى، ئامېرىكا پايچېكى، ئامېرىكا دوللىرى، زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ھەمدە باج كېلىشىمى ۋە 12-ئايلىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.
شۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ قىممەتلىك مېتاللار تاكتىكىچىسى Joni Teves نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرى 1300 دوللاردىن 1270 دوللارغا چۈشكەن.
ETF ئاكسىيەسىنىڭ تاكتىكىچىسى Martin Arnold نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازارنىڭ دىققىتى دوللارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، چاۋشيەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا ئەندىشىسى بارا-بارا پەسەيگەن. دوللار كۆرسەتكۈچى كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا يەنە ئۆسۈشى، نەق ئالتۇن باھاسى يىل ئاخىرىدا 1260 دوللارغا چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بولسا ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك دەپ قارىغان. دوللارنىڭ داۋاملىق ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قەرەللىك مال بازىرىنىڭ ئامبارنىڭ يەنىمۇ تەڭشىلىش خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.