قەرەللىك خام نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

parida 2017-07-07 18:05:36

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلەش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن ئاشقان بولغاچقا، قەرەللىك خام نېفىت باھاسى پەيشەنبە كۈنى يۇقىرىلىدى. نيۇيورك ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 14:30 دە(بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئىيۇل سائەت 2:30)، نيۇيورك تاۋار سودا مەركىزىدە 8-ئايلىق قەرەللىك خام نېفىتنىڭ توختام باھاسى 0.39 دوللار ياكى %0.9 ئۆستى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 45.52 دوللار بولدى. 9-ئايلىق برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 0.32 دوللار ياكى %0.7 ئۆستى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48.11 دوللار بولدى، مەزكۇر توختام باھاسى ئامبار سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.17 دوللارلىق يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان ئىدى.
ئامېرىكا ئېنىرگىيە جەمئىيىتى (EIA) پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى شۇ ھەپتىدە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى 6 مىليۇن 299 مىڭ تۇڭ ئازايغان، بازار مۆلچەرىدىن ئۈچ ھەسسە تۆۋەن بولغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئامېرىكا ئېنىرگىيە جەمئىيىتى (EIA) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 5 مىليۇن 800 مىڭ تۇڭدىن يۇقىرى بولغان. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ماي باھاسى ئۆسۈشكە باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.