دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشى تەسكە چۈشىشى مۇمكىن

rabigul 2017-07-07 18:22:18

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تور تەرجىمىسى: دۇنيا بويىچە چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى مورگان داتۇڭ(JP Morgan) نىڭ تەھلىلچىلىرى دوللارنىڭ باشقا پۇللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ باردى، ھەمدە " ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈم پەرقى مودېلغا ئاساسەن دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقىدى؛ پۇل بازىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دەرىجىسىنى بىر چەكسىز سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ نىسپىي دەۋرىيلىك ئىپادىسى ياخشى ئەمەس ئەھۋاللار ھازىر تەتۈر ئايلىنىۋاتىدۇ. "
2017-يىلى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا دوللار قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردىكى پۇل باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى؛ بۇ خىل ئەھۋالنى يىل ئاخىرى يېقىنلاشقاندا نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئويلاپ باقمىغان.
بۇ بانكا تەھلىلچىلىرى يەنە مۇنداق دېدى، " گەرچە يىل بېشىدىن بۇيان دوللار ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يېرىم يىلدا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن."
لېكىن، يەنە بەزى تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى، " دوللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ."
دوللار تىرامىپ زۇڭتۇڭلىققا سايلانغاندىن كېيىن چوڭ دائىرىدە ئۆرلىگەن، تىرامىپ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە باج كېمەيتىش ھەم ئاساسىي مۇئەسسەسە جەھەتتىكى چىقىمنى زورايتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، بۇنىڭغا نىسبەتەن قوللانغان بازارنىڭ ئېھتىياتچانلىق تەدبىرى ئىقتىسادنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمما، تىرامىپنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دوللار قايتىدىن تۆۋەنلىدى.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.