نېفىت بازىرى كېيىنكى يېرىم يىلدا تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتىشى مۇمكىن

parida 2017-07-05 13:40:40

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا ئېنىرگىيە ئىدارىسى (IEA)نىڭ باشلىقى Fatih Birol نىڭ سەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 5-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، يەرشارى خام نېفىت بازىرى 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما نېگىرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى - نېفىت بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش مۇساپىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. Fatih نىڭ ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە نېفىت بازىرى كېيىنكى يېرىم يىلدا قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئەمما لىۋىيە ۋە نىگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ نىمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ماي باھاسى ئۆسسىلا سلانېتىس مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.