ھىندىستان ئالتۇن ئىستىمال بېجىنى ئۆستۈردى

parida 2017-07-05 15:37:18

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى) ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1226.37 دوللار/ئۇنسىيەگە چىقتى. سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا بازار سۇس بولدى، ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تەۋرەندى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى %1 تۆۋەنلىدى ھەمدە ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتتى، ئالتۇن باھاسى 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستان يېڭىدىن يولغا قويغان مەملىكەت بويىچە سېتىش باج تۈزۈمىنىڭ بىرقىسىمى-ئالتۇننىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بېجى ئىلگىرىكى %1.2 لىك تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن يۇقىرىلاپ %3 چىقتى، سودىگەرلەر ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تەدبىر تېخىمۇ كۆپ سودىنى قاراڭغۇ بازارغا كىرىشكە مەجبۇر قىلىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.