ئېراق مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمنامىسىنىڭ قائىدىسىگە خلاپلىق قىلدى

gulbostan 2017-05-23 12:54:45

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى 2018-يىلى 1-پەسىلگىچە ئۇزارتىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما ئېراق يەنىلا مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىدىكى «يۇشۇرۇن مىنا» ھېسابلىنىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 2-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېراق مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى ھەرقانداق بىر پايدىلىنىش قىممىتى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئارقىلىق ماي باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

بۇلتۇر 11-ئايدا ئىمزالانغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، (OPEC) تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كۈنىگە بىر مىليۇن 200 مىڭ تۇڭ ئازايتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېراقنىڭ كېمەيتىشكە تىگىشلىك مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 210 مىڭ تۇڭدىن 435 مىڭ تۇڭغىچە ئازايتىش تەلەپ قىلىنغان. (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى بىرىنچى پەسىلدە، ئېراق مەھسۇلاتنى كېمەيتىش نىشانىنىڭ %61 تىنىلا ئورۇنلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت ئايدا ئىجرا قىلىش دەرىجىسى %90 گە يەتكەن. ئەگەر مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى 2018-يىلىغىچە ئۇزارتىلسا، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاساسلىق نېفىتلىكلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ھەمدە ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش نىڭ«ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قەرز يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئېراقنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كۈچى يەنىمۇ ئاجىزلىشى مۇمكىن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنېرگىيە مىنىستىرى فارىخنىڭ يەكشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 21-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى توققۇز ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە ئۇزارتىلسا، ھەمدە يەنە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر ياكى ئىككى كىچىك دۆلەت مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كىلىشىمىنى ئىمزالىسا، نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارىنى بەش يىلغىچە ئوتتۇرا سەۋىيەدە ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC)نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.