2017-يىلى 5-ئاينىڭ23 -كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

karima 2017-05-23 12:36:45

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارالىق كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە (5-ئاينىڭ 23 -كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 17.22 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. بۇ ئۇدا ئۈچ سودا كۈنىدىكى ئۆسۈش ھالىتى بولدى. سەۋەبى نۆۋەتتە ئەنگىلىيىدە تىرورلىققا زەربە بېرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. دۈشەنبە(5-ئاينىڭ 22-كۈنى)دوللار بىلەن ياۋرۇنىڭ چۈشكەنلىكى، ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ«روسىيە ئىشىكىدىن بۆسۈپ كىرىش» ۋەقەسى كۈچەيگەنلىكتىن، كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈندىكىدىنمۇ بىر قەدەم ئۆسۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە يۇقىرى نۇقتا 17.22 دوللارنى كۆرسەتكەن. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆينىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ھەمدە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزى.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.تۈنۈگۈن كۈمۈشنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 17.21-16.82 دوللار ئارلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن بىز كۈمۈشنى كۈندۈزدىكى بازاردا 16.95 دوللارنىڭ يۇقىرىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 16.80-16.75 ئەتراپىدا كۆرىمىز، زىياننى 17.10 دوللارئەتراپىدا تەڭشەيمىز دېگەن ئىدۇق، تۈنۈگۈن چۈشلۈك بازاردا بىزگە 16.95 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، لېكىن چۈشلۈك بازاردا ۋە ياۋرۇپا بازىرىدا ئەڭ تۆۋەن 16.90 دوللاردىن چۈشۈپ كېتەلمىدى،ئەگەر بۇ ماللارنىڭ زىياننى تەڭشىگەن بولساق 15 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان كۆرۈلگەن بولىدۇ؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى يەنە 17.20-17.25 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پايدىسىنى 17-16.90 ئەتراپىدا توختىتىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچ تەرەپتىن بىزگە 17.22 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى. ئەگەر بۇ ماللارنى ساقلاۋاتقانلار بولسا بۈگۈن 17 ئەتراپىغا پۇرسەت بەرسە چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ.

2.كۈمۈشنى ئاسىيا بازىرىدا كۈزۈتۈشنى ئاساس قىلىپ ، ياۋرۇپا بازىرى ئىچىلغىچە 17 ۋە 17 نىڭ تۆۋەنكى باھالىرىغا پۇرسەت بەرگەندە ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ ، مۇۋاپىق سودا پۇرسىتى كەلگەندە تۇپتا ئەسكەرتىش بېرىمىز .


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10605.55

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:17

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.