ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سانى ئۇدا 18 ھەپتە ئېشىپ تارىختىكى 2-قېتىملىق يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى

gulbostan 2017-05-22 13:10:38

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكا نېفىت جانلىق بۇرغىلاش سانى 720~8 تەگلىك بولۇپ، ئۇدا 18 ھەپتە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2015-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىينى ياراتتى. ئۇدا 18 ھەپتە ئېشىش –تارىختىكى 2- قېتىملىق ئۇزۇن ۋاقىت ئېشىش دەۋرىيلىكى بولۇپ، 2011-يىلى 8-ئايدا تارىختىكى 1-قېتىملىق ئۇزۇن ۋاقىت (19 ھەپتە) ئىشىش سەۋىيىسىنى ياراتقان ئىدى.

نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 30–كۈنى سەككىز يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشمىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر تەشكىلات 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنىگە بىر مىليۇن 200 مىڭ تۇڭ ئازايتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسيە باشچىلىقىدىكى 11 غەيرىي نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرمۇ كۈنىگە 560 مىڭ تۇڭلۇق ئازايتىش نىسبىتىنى ياراتتى. ماي باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئانالىزچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكا ئىنېرگىيە كارخانىلىرى كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا كاپىتال چىقىمىنى قايتا كۆپەيتىدۇ، ئامېرىكا نېفىت گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئاشىدۇ دەپ قارىماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.