نېفىت زاپاس مىقدارى كېمىيىپ ، نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

xayida 2017-02-23 16:57:01

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى ئۆرلەپ ، ئۆرلەش پىرسەنتى%1ئەتراپىغا يېقىنلاشتى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر ساھە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ئىمپورت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز كېمىيىپ كەتتى ، ھەمدە بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى نېفىت بىلەم تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئىشىپ كېتىش ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى .

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى %0.95ئۆرلەپ ،54.10دوللار/باك بولدى ،ھەمدە ئالدىنقى سودا كۈنى %1.4تۆۋەنلىدى ،برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.87ئۆرلەپ ،56.53دوللار/باك بولدى . ھەمدە ئالدىنقى سودا كۈنى %1.5تۆۋەنلىدى .

ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،2-ئاينىڭ 17-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 88.4مىڭ باك كېمىيىپ ،5.127يۈز مىڭ باك بولدى . APIسانلىق مەلۇماتىدا ، زاپاس مىقدارى رايوندىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 170مىڭ باك كېمەيدى . ئالدىنقى ھەپتە كۈندۈلۈك نېفىت ئىمپورت مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ باك كېمىيىپ،

739.8مىڭ باك بولدى .

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئېلان قىلىندىغان بولۇپ ، ئېلان قىلىندىغان سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئادەتتىكى كۈندىن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈلدى ،چۈنكى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازىرى دەم ئالدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.