تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدە ئالتۇن سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش

gulbostan 2017-02-23 17:07:53

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئۇچۇرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەنلىكتىن بازار دىققىتىنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا يۆتكىدى، بۇ ئالتۇن ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
VanEck مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسى دېرىكتورى قوشۇمچە ئالتۇن سىتىراتىگىيەچىسىJoe Foster نىڭ 22-فېۋرالدىكى دوكىلاتىدا ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن، بازارنىڭ قىزغىنلىقى خېلىلا تەسىرگە ئۇچرىغان، مەبلەغ سالغۇچىلار تىرامپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشدىن بارغانسىرى ئەندىشە قىلشقا باشلىغان.
ئۇ:« نۆۋەتتە تىرامپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدىكى خەتەر بارغانسېرى ئېنىقلاشماقتا، ئۇ ئىلگىرىكى ئەنئەنىنى بۇزغان، بۇ كۈچلۈك دوللارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك تالاش-تارتىشنى قوزغىغان مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىمزالىدى ھەمدە سودا قورۇقچىلىقى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، بازارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلەتتى، دوللارنىڭ ئاجىزلىشىنى ئاستىلاتتى. لىكىن ئالتۇن ۋە ئالتۇن پايچېكى بۇلتۇر ۋە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى سېتىش سەۋىيەسى ئۆرلەپ، بۇ يىل ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتتى» دېدى.
يىقىندىن قارىغاندا، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى پۈتۈن پل-مۇئامىلە بازىرىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ، Foster ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق بۇنىڭ تىرىكىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.