كېلىشىمنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالى

xayida 2017-02-06 15:53:59

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى OPECتەشكىلات ۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نۆۋەتتە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى بۇيىچە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتتى ،چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ،بۇ يىل 1-ئايدا OPECتەشكىلات نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ھەر كۈنىگە 100مىڭ باك كېمەيتىپ ، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش نىسبىتى % 82 كە يەتتى . سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كۆلىمى چوڭ بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاللىقاچان 10 مىليون باك كېمەيدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، OPECئەزا بولمىغان ئەڭ چوڭ ئەزا دۆلەت روسسىيە يەنىلا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ھەر كۈنىگە 11.7مىڭ باك كېمەيتتى .

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا قەرەللىك نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ، ئاساسلىق سەۋەبى نېفىت بازار ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى سەۋەبلىك نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرىدى . بىراق ، بەزى ئالامەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،نۆۋەتتە ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى .

دۈشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.16ئۆرلەپ ، 56.90دوللار/باك بولدى ، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.13 دوللار ئۆرلەپ ،53.90دوللار/باك بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.