كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش خىيالىڭىز بارمۇ؟

rabigul 2017-02-06 15:30:49

\

2017-يىلى قىممەتلىك مېتاللار ئىچىدە ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ، زادى قايسىنىڭ سودىسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ Nirmal Bang Commoditie تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان تاۋارلارنىڭ مەسئۇلى Kunal Shah مۇنداق دېدى، ”مەن ئالتۇنغا قارىغاندا، كۈمۈشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى كۈمۈشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەن ، لېكىن ئۇنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى ۋە ئېلېكترون ئېھتىياجى يۇقىرى.ئۇ يەنە مۇندا دەپ كۆرسەتتى،ھازىر يىڭى تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلاردا قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسىغا بۇلغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن كۈمۈش سودىسىنى تاللىدىم “دىدى.
Geofin Comtrade تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى Hareesh مۇ ئوخشاشلا كۈمۈش سودىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى، دائىم ئالتۇن باھاسى بىلەن كۈمۈش باھاسى ئوخشاش بىر يۆنىلىشتە، لېكىن ئالتۇنغا سېلىشتۇرغاندا، كۈمۈش باھاسى نۆۋەتتىكى يەنىلا سودا قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن رايوندا، شۇڭا ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك كۈمۈش باھاسىدا تېخىمۇ چوڭ ئۆسۈش بوشلۇقى بار دېدى.
خەلقئارالىق نەق مال كۈمۈش سودىسى2011 -يىلى 49.51 دوللارغا ئۆرلەپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان. لېكىن 2016 يىلى1-ئايغا كەلگەندە، كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئورۇندىن %72 تۆۋەنلىگەن، بۇ يىل بولسا كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ، بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 13.79 ئەتراپىغا چۈشكەن. ئەڭ يۇقىرى باھاسى 7-ئايدىكى بۇلۇپ، يۇقىرى نۇقتا 21.10 دوللارغا ئۆرلىگەن.
كۈمۈش باھاسىنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيانقى سىجىل تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنى، كۈمۈشنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 15.63 دوللارغا يەتكەن بۇلۇپ، سەككىز ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.
ئالتۇن جەھەتتە، خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن باھاسى بۇيىلقى ئېچىلىش باھاسى 1060 دوللار بۇلغان، يەتتىنچى ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1374 دوللار يىتىپ بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، لېكىن 12-ئايغا كەلگەندە 1134 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.

2017 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار Tradebullsنىڭ مەسئۇلىAasif Hirani مۇنداق دىدى. ”كۈمۈشنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىش ئورنى بولسا سانائەت، 2016 يىلىدىكى كۈمۈشنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىدىغان ئاساسلىق ئامىل، ئامېرىكا دوللىرى ، كۈمۈشنىڭ تەمىنلىشى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى. بۇ يىلقى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئالتۇن باھاسىنى يىڭىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا، كۈمۈشنىڭ سانائەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدا“.
Hirani مۇنداق دەپ قارىدى. ”2017 يىلدىكى ئالتۇن-كۈمۈش باھاسى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىFED ئۆسۈم نىسپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،“ دىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى. بىزنىڭ مۆلچەرلىشىمىزچە 2017 -يىلى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۈمۈشكە بۇلغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ كېلەر يىلى بازار يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ باھاسىغا پايدىلىق. ئەمما بىز، كەلگۈسى بىر يىلدا ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ باھاسى كۆپ ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىيەلمەيمىز، لېكىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھازىر كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.