نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى

xayida 2017-02-01 15:46:29

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ئاساسلىق سەۋەبى كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى ئاشقان . گەرچە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPECتەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىر نېفىت بىلەن تەمىنلەش يەنىلا يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرۇپ ، نېفىت بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى . بىراق ، يېقىندا نېفىت باھاسى يەنىلا تار دائىرىدە تەۋرەندى.

چارشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.36تۆۋەنلەپ ، 55.38دوللار/باك بولدى ، ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى %0.30تۆۋەنلەپ ،52.65دوللار/باك بولدى . 1-ئايدا بېرنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى ۋە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى تەخمىنەن%2تۆۋەنلىدى .

ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API) سەيشەنبە ( 1-ئاينىڭ31-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : 1-ئاينىڭ27-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 5 مىليون 830 مىڭ باك ئىشىپ ، ئۇمۇمىي قىممىتى 488 مىليون باك بولدى ، بۇلتۇر 10 - ئايدىن بۇيان ھەپتىلىك ئېشىش نىسبىتى چوڭ بولۇپ ، بازار ئانالىزچىللىرى ئالدىن مۆلچەرىدىن 3 مىليون 300 مىڭ باك ئاشتى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى <(EIA)> سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئايلىق دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : 2016-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ھەر كۈنىگە 105 مىڭ باك ئىشىپ ، ئومۇمىي قىممىتى ھەر كۈنىگە 890.4مىڭ/باك بولۇپ ، بۇلتۇر 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى ،10-ئايدا تەڭشەش ئىلىپ بارغاندىن كېيىن ھەر كۈنىگە879.9مىڭ /باك بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.