نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمى %82 ئەمىلىيلەشتى

gulbostan 2017-02-01 15:04:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گىزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، OPEC نىڭ 1-ئايدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن كۈنىگە 1 مىليۇن باك ئازايغان بولۇپ، بۇ OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

OPECئۆتكەن يىلى 11-ئايدا 8 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈنىگە 1 مىليۇن 200 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشنى پىلانلىغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان.

پاراخوت تىرانسىپورتى ۋە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشكە ۋەدە بەرگەن11 دۆلەتنىڭ 1-ئايدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 30 مىليۇن 10 مىڭ باك بولۇپ، 12-ئايدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 31 مىليۇن 170 مىڭ باك بولغان.

نۆۋەتتە، بۇ 11 دۆلەت كۈنىگە 958 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتكەن بولۇپ، كۈنىگە 1 مىليۇن 164 مىڭ باك كېمەيتىشنى پىلانلىغان، ئورۇندىلىش نىسبىتى %82 بولغان.

2009-يىلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى ئورۇندىلىش نىسبىتى %60 بولغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق %82 لىك نەتىجە بازارنى ئىنتايىن خوشال قىلغان.

بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، نېفىت باھاسى سەيشەنبە كۈنى ھەر باكىنىڭ باھاسى 56 دوللارغا ئۆرلىگەن. OPEC ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى نېفىت باھاسىنى 12-ئايدىكى ھەر باكى 27 دوللاردىن بىر قاتلىشىغا سەۋەب بولغان.

مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، لىۋىيە ۋە نىگىرىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يىقىندا قايتىدىن ئۆرلىشى 1-ئايلىق نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشى كەچۈرۈم قىلىنغان.

يەنە بىر جەھەتتىن، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ 1-ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 10 مىليۇن باك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاكتىپ بولغان ئىشلەپچىقىرشنى كېمەيتىش پوزىتسىيەسى ۋە كۈچلۈك بولغان ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ئېرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىردىنبىر نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان OPEC دۆلىتى بولۇپ، ھازىرغىچە كۈنىگە 20 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندۇنىزىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى چىقىرىۋەتكەندە، OPEC نىڭ باشقا ھەممە ئەزالىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش نىشانىدىن كۈنىگە 520 مىڭ باك يۇقىرى بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.