نېفىت باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

xayida 2017-01-17 15:57:14

\

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىداخەلىقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى،ئاساسلىق سەۋەبى بىرقىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمىنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە قارتانېفىت بازىرى گۇمان قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى،ھەمدە ئامېرىكانېفىت مەھسۇلات مىقدارى قايتا ئۆرلەپ،نېفىت باھاسىغا يەنە بىر قېتىم توسقۇنلۇق ئىلىپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگەدوللارباھاسى ئۆرلىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش زۆرۈرىيىتى يوق دەپ سۆز قىلدى،بۇ ئەھۋال نېفىت باھاسىغا چۈشۈش بېسىمى ئىلىپ كەلدى.ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا52.13دوللار/باك بولدى.برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا55.20دوللار/باك بولدى.

بۇلتۇر11-ئاينىڭ30-كۈنى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر(OPEC)تەشكىلات8يىلدىن بۇيانقى تۇنجى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى،ھەمدە2017-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈندىن بۇيان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر كۈنى كېمەيتىپ120مىڭ/باك ئەتراپىغا يېقىنلاشتۇردى،بۇ سەۋەبتىن نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى.روسىيە ۋەOPECئەزا بولمىغان باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەريەنىلا نېفىت مەھسۇلات مىقدارنى چەكلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ،OPECتەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش پىلانىغا ماسلاشتى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.