ئالتۇن باھاسى 11-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى

gulbostan 2017-01-17 14:52:45

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق مال ئالتۇن 1-ئاينىڭ 16-كۈنى داۋاملىق ئۆرلىگەن بولۇپ، 7 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىققان، ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار \ئۇنسىيەلىك باھا ئەتراپىدا بولغان، ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1208 دوللار \ئۇنسىيە بولغان. سىياسىينىڭ مۇقىمسىزلىقى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە نىسبەتەن تىرەش رولىنى ئوينىغان. ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ش ئا ئە ت ۋە جۇڭگوغا ئالاقىدار سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم دىققەتنى قوزغىغان.
ئالدىنقى ھەپتە، تىرامپ تەيۋەن سۆھبىتىدە «بىر جۇڭگو» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان ھەمدە تىرامپنى سۆزى چەكتىن ئاشقان، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كيىن توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، دەپ قارىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ش ئا ئە ت گە ئالاقىدار ۋاقتى ئۆتكەن سۆزى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.
Julius Baer نىڭ تەھلىلچىسىCarsten Menk نىڭ بىلدۈرىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسلىسى توغرىسىدا توقۇنۇشى بار بولۇپ، تىرامپنىڭ تەيۋەن مەسلىسى ھەققىدىكى قوللانغان تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ش ئا ئەت گە بىلدۈرگەن باھاسىمۇ پاسسىپ ئىكەن.
بۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە،دوللارنىڭ ئۆسۈشى ئالتۇنغا نىسبەتەن پايدىسىز ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، باشقا پۇللارنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قىممەت توختايدىكەن. تۆۋەنلەۋاتقان زايۇم پايدا نىسبىتى ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالى بولۇشتەك جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان.
جۈمە كۈنى تىرامپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىي پىلانى ۋە بازارغا نىسبەتەن تەسىر بار بولۇپ، تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە، يىقىندىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پايدا نىسبىتى مۆلچەرى يەنىلا دوللارنى تىرەپ تۇرىدىكەن ھەمدە ئالتۇننىڭ ئۆرلىشىنى چەكلەيدىكەن.
ئۆلچەملىك بانكا تەھلىلچىسىنىڭ ئېيتىشىچە «2017-يىلى بازار 3-4 قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشقا ئاساسەن باھا بىكىتىدۇ، بۇنىڭ ئالتۇنغا نىسبەتەن تەسىر بار بولۇپ، ئەمىلىي پايدا نىسبىتى ئۆرلەيدۇ، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقىنى بىر ئاز پەسىيىدۇ».
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.