نېفىت باھاسى يىقىندا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدۇ

gulbostan 2017-01-06 15:40:20

\

X168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئىنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى Adam Sieminski 5-يانۋار ۋاشىنگىتوندا بىلدۈرىشىچە، نېفىت باھاسى يىقىندا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدىكەن. پەرەز قىلىشىچە، برۇنت خام نېفىتى 2040-يىلىغا كەلگەندە ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 109 دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئىنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭ ئالدىدا «2017-يىللىق ئىنىرگىيە ئەھۋالىغا نەزەر» ناملىق دوكىلاتنى ئېلان قىلغان، دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يىقىنقى چۈشۈش ئەندىزىسى ئاخىرلىشىپ قايتىدىن ئۆرلەيدىكەن ھەمدە ئىھتىياج مۇقىم بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئىنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسى چوڭ دائىرىدە 7 مىليۇن 100 مىڭ باك كېمەيگەن، بازار 2 مىليۇن 200 مىڭ باك كېمىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بىراق، چەككىلەش زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان بولغاچقا، بىنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپىسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دىزىل مىيى ۋە ئىسسىنىش مىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەككىلەنمە ماي زاپىسى 10 مىليۇن 100 مىڭ باك ئاشقان، بازار 1 مىليۇن 100 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بىنزىن زاپىسى 8 مىليۇن 300 مىڭ باك ئاشقان، بازار 1 مىليۇن 800 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.