2016-يىلى 8-ئاينىڭ24-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-08-24 11:13:17

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە ئامېرىكا 10- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.69 دوللار ئۆسۈپ، 48.10 دوللار/باك بولدى. برېنىت 10- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.80 دوللار ئۆسۈپ، 49.96 دوللار/باك بولدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ئىران سىگنال چىقىرىپ، نېفىت باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كوللىكتىپ ھەركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر كېيىنكى ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىم سۆھبىتىنى باشلاشقا ياردىمى بولۇپ، نېفىت باھاسى ئۆسۈش ئىشەنچىگە ئېرىشتى، لېكىن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرلېۋىيە، ئىراق ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئالامەتلېرى كۆرۈلگەن، بۇ ئەھۋال ئەمدىلا جانلىنىۋاتقان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھالىتىنى چەكلەپ قويدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 48.31 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 50.20 دوللار/باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى

تۈنۈگۈن نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 2286-2371 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى2257ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، 2355 ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىدىن چۈشۈشكە مال ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق. ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن 2286 ئەتراپىغا چۈشۈپ، ئۆسۈشكە مال ئېلىش پۇرسىتىنى بەرمەي قالدى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز نېفىتنى 2365-2369 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 2340-2330 ئەتراپىغىچە كۆردۇق. ئەگەر بىز مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان بولساق 30نۇقتىغا يېقىن پايدا ئالغان بولىمىز. ئەگەرتۈنۈگۈن چۈشۈش مېلىنى چىقارمىغان خېرىدارلار بولسا پايدىسىنى2329-2319 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

1.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا نېفىتنى كۆزىتىشنى ئاساس قىلىمىز، مۇۋاپىق مال ئېلىش پۇرسىتى كەلگەندە بىز توپتا ئەسكەرتىمىز

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
2305


مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.