دۇنيا بانكىسى كېلەر ھەپتە جۇڭگوغا تۇنجى تۈركۈمدە SDRزايۇمى تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ

gulbostan 2016-08-24 11:16:32

\چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۆنۈگۈنكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بانكىسى كېلەر ھەپتە خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى بىلەن ھېساپلىنىدىغان زايۇمنى تارقىتىدىغانلىقىنى پىلانلىدى. بۇ پۈتۈن يەر شارىدا 30يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بۇ خىل زايۇمنى تارقىتىشى ھېساپلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغااندا، بۇ خىل زايۇم كېلەر ھەپتە جۇڭگو بانكىلىرىدا تارقىتىلىشقا باشلايدىكەن. ئالاقىدار خادىملارنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلىدىغان زايۇمنىڭ مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ يىل بولىدىكەن. IMF نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بولسا 20-ئەسىرىنىڭ80-يىللىرىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق SDR زايۇمىنى تارقىتىشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.