تۈركىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

gulbostan 2016-07-18 16:45:41

\

ئالدىنقى شەنبە سەھەردە تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان بىر سىياسىي ئۆزگىرىش يۈش بېرىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گەرچە بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولۇپ سىياسىي ھوقۇق خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، بىراق بۇ مۇھىم بولغان نېفىت گاز تۈگۈنى تېخىچە مۇقىملىشىپ بولالمىغان بولۇپ، نېفىت باھاسىغا نىسبەتەن زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. تۈركىيەدە ئىككى مۇھىم بولغان نېفىت تۇربا لىنىيىسى بولۇپ، بۇ لىنىيەنىڭ بىرى ئەزەربەيجاندىن، يەنە بىرى ئىراقتىن كېلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىش جايى بولسا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جېيخان پورتىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى لىنىيەنىڭ نېفىت يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بولسا كۈنىگە 2مىليۇن 700مىڭ باكقا يەتكەن. بىراق قىسمەن رايۇنلاردا قوراللىق ئونسۇرلار نېفىت يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ، ئەزەربەيجان قاتارلىق رايۇنلاردا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ، ئەمەلىي توشۇش مىقدارى يۇقارقى مىقداردىن كۆپ ئازايغان. ئەگەر بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا تۈركىيەنىڭ نېفىت يۆتكىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا نېفىت باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.