نېفىت باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇدا ئاشماقتا

gulbostan 2016-07-18 15:41:07

\

ئامېرىكا نېفىتى ئالدىنقى جۈمە كۈنى 0.27سېنت يەنى 0.59% ئېشىپ، ھەر باكى 45.95دوللار بولدى. بېرېنىت نېفىتى بولسا 0.24سېنت يەنى 0.51% ئېشىپ، ھەر باكى 47.61دوللار بولدى. نېفىت باھاسى جۈمە كۈنىدىن تۆنۈگۈنگىچە ئىزچىل ئېشىپ، ئۇدا ئېشىۋاتقىنىغا ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى. ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئىستىمال دۆلىتى بولغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستىمال ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى نېفىت باھاسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك تىرەشنى شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا نېفىت مۇلازىمەت شىركىتىدىن باكېر خۇگېسنىڭ ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكىنىڭ نېفىت بۇرغىلاش سانى 6دىن 357گە ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.