2016-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى نىفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-06-29 10:50:43

\

ئاساسىي ئانالىز

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 8- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.52 دوللار ئۆسۈپ، 47.85 دوللار/باك بولدى. برېنىت 8- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.42 دوللار ئۆسۈپ، 48.58 دوللار/باك بولدى. ئەنگىليەنىڭ ياۋرۇدىن چېكىنىشكە بولغان ئەندىشە كەيپىياتى بىر ئاز پەسىيىپ، خەۋپ-خەتەر مەبلىغىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورۋېگىيە نېفىت - گاز ئىشچىلېرىنىڭ ئىش تاشلاش ئېھتىمالى ھەمدە دوللارنىڭ قايتا تۆۋەنلىشى نېفىت باھاسىغا ئۈنۈملۈك تىرەشلىك ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 47.94 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 49.33 دوللار/باك بولدى. تۈنۈگۈن نېفىت باھاسى 2373-2288 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى 2340 ۋە 2360ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسنى 2310 ئەتراپىغىچە كۆرۈمىز دەپ يوللىغان ئىدۇق، كۈندۈزدىكى بازار تەۋرىنىشىدە چۈشۈش مېلىنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن خېرىدارلارغا چۈشۈش مېلىنى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق ھەمدە نېفىت باھاسى 2311 دىن چۈشۈپ كېتەلمىسە ئۆسۈشكە ئېلىشقا كۆرسەتمە بەردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى دەرۋەقە 2310 ئەتراپىغا چۈشكەندىن كېيىن قايتا ئۆرلەپ 2380 نىڭ يۇقىرىغا چىقتى ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان خېرىدارلار بولسا ئىككى قېتىملىق سودىدا تەخمىنەن 100 نۇقتىدىن ئارتۇق پايدا كۆرگەن بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسىنى 2382 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، زىياننى 2392دە توختىتىپ، پايدىسنى دەسلەپكى قەدەمدە 2363 گىچە كۆرۈمىز، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغۇچە2363دىن چۈشۈپ كېتەلىسە نېفىت باھاسىنىڭ پايدىسنى داۋاملىق 2349 گىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2360

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.