2016-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-06-29 11:36:10

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1320 دوللار ئەتراپىدا بولدى، تۈركىيە ئايرودرومى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىگە تەسىر قىلىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 1% چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن 1305 دوللارغا كەلگەن، سەيشەنبە كۈنى پاي چېكى بازىرى ئۇدا ئۈچ سودا كۈنىدە چۈشكەندىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلىگەن، بازار خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى پەسىيىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بىر قاتار ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يېلىن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۇيۇشتۇرغان مەركىزىي بانكىسى مۇنبىرىدە سۆز قىلىشى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1305 - 1325 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە 1316 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1320-1323 دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشلۈك بازاردا 1319 دوللارغا كەلگەندە خېرىدارلارغا قولىدىكى مالنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق. كەچلىك تەھلىلدە ئالتۇن باھاسى 1305-1306 دوللاردىن ئۆرلەشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1312 دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى 1319 دوللارغا چىققاندا قولدىكى مالنى چىقاردۇق، ھەمدە كۈندۈزى 1316 دوللاردا ئۆسۈشكە ئالغان مالنى 1319 دوللاردا چىقىرالمىغان خېرىدارلار، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا قولىدىكى مالنى چىقاردى، ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان خېرىدارلار بولسا 15 دوللار پايدا ئالغان بولىدۇ.

2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىنى 1320 دوللار ئەتراپىدىن يىنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 5-7دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ, زىياننى 1325 دوللاردا توختىتىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1327 1310

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.