خەلقئارا نىفىت باھاسىنىڭ ئاسىيا بازىرىدا ئۆسۈشى %1 تىن يۇقىرى بولدى

sayibjamal 2016-05-25 12:49:51

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نىفىت قەرەللىك مال باھاسى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا %1 تىن ئارتۇق ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكا نىفىت جەمئىيىتى (API) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نىفىت زاپاس مىقدارىنىڭ چۈشۈش دائىرىسى مۆلچەردىكىدىن كۆپ بولغان. بىراق ئامېرىكا فېدراتسىيىسى 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ كۈچىيىشى دوللارنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نىفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويغان.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا نىفىت قەرەللىك مال(WTI) باھاسى %1.3 ئاشقان بولۇپ، ھەر بىر باكنىڭ باھاسى 49.25 دوللار بولغان. بېرنىت نىفىت قەرەللىك مال باھاسى %1.17 ئۆسۈپ، ھەر بىر باكنىڭ باھاسى 49.18 دوللار بولغان. ئۆتكەن بىر ئايدا بېرنىت نىفىت قەرەللىك مېلى بىلەن ئامېرىكا نىفىت قەرەللىك مېلى 50 دوللاردىن تۆۋەن بولغان بەش دوللار دائىرىسىدە تەۋرىنىپ تۇرغان، بېرنىت نىفىتى سەيشەنبە كۈنىدىن ئىلگىرى ئۇدا تۆت كۈن تۆۋەن باھادا بولغان.
ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:30 دا ھۆكۈمەت ئامبىرى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئامباردىكى زاپاس مىقدارنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈشىگە نىسبەتەن ئىسپات بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئۆي مۈلۈك سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىمۇ نىفىت باھاسىغا نىسبەتەن تىرەش نۇقتىسى بولالايدۇ. بىراق، ھازىر بازاردا ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى داۋاملىق كۈچىيىپ، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويۋاتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.