ئىراق نىفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى رەت قىلدى

sayibjamal 2016-05-25 12:19:23

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: گەرچە ئىراقتىكى تىجارەت قىلىۋاتقان بەزى ئېنىرگىيە كارخانلىرى ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، چىقىمنى ئازايتىش بەزى نىفىت تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئىراق يەنىلا نىيىتىدىن يانماي، 2020-يىلىدىن بۇرۇن نىفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3/1 گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
ئىراق دۆلەتلىك نىفىت سودا تەشكىلاتى (SOMO)نىڭ رەھبىرى فالاخ ئالامرى سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 23-كۈنى) بىلدۈرۈشچە، ئىراقنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك نىفىت ئىشلەپچىقىرش مىقدارى تەخمىنەن تۆت مىليۇن 500 مىڭ توننا بولۇپ، 2020-يىلىدىن بۇرۇن بەش مىليۇن 500 مىڭ توننىدىن ئالتە مىليۇن توننىغىچە يەتكۈزۈش پىلانلانغان. ئالامرى يەنە ئىراقتا تۇرۇشلۇق نىفىت ئىكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ كېڭەش ئەزاسى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: « بىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتمايمىز، بەلكى داۋاملىق كۆپەيتىمىز، ئەمما سۈرئەت بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. ئەگەر مەبلەغ يىتەرلىك بولسا، بەلكىم كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا مەبلەغكە ئېرىشەلەيمىز. مېنىڭچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نىشانغا يىتىشىمىزدە مەسىلە يوق.»
مالىيەنىڭ قىستىشى سەۋەبىدىن ئىراق ئۇدا ئىككى يىل چەتئەل نىفىت كارخانلىرىنىڭ كونتىرول قىلىش مۆلچەرىنى تەلەپ قىلغان. ئىراق ماجنۇن نىفىتچىلىكىدىكى گوللاندىيە خانلىق shell نىفىت گوروھى سىرىت نوپۇسىدىكى خادىملارنى قىسقارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەننەرخنى ئازايتقان.
OPEC نىفىت باھاسىغا تىرەش نۇقتىسى بولىدىغان ھەر قانداق ھەركەتنى قوللايدۇ،چۈنكى ئۇلار 2014-يىلى سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، بازار باھاسىنى ساقلاپ تۇرۇشقا كۈچ چىقىردىغان بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.