ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا نېفىت باھاسى ئاساسەن مۇقىم ھالەتتە بولدى

karima 2016-02-05 16:50:28

\

جۈمە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا مۇقىم ھالەتتە بولدى، جۇڭگو باھار بايرىمى مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا بازاردا ئېقىشچانلىقىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پەيشەنبە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەققىدىكى كېڭىشىش يەنىلا ئېنىقسىز بولۇپ، نېفىت باھاسى يۇقىرى نۇقتىدىن 2% تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى (WTI) جۈمە كۈنى %0.19 ئۆسۈپ، 31.78 دوللار/باك بولدى؛ برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.28 ئۆسۈپ، 34.49 دوللار/باك بولدى. ئىككىلىسى ئالدىنقى كۈندىكى بازار يېپىلىش باھاسى بىلەن ئاساسەن تەڭلاشتى، سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، باھار بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئېقىشچانلىق بىرقەدەر تۆۋەن دەپ قارىدى.

بۇ ھەپتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى ناھايتى كۈچلۈك بولدى، سەۋەبى پايدىلىق ئامىللار بىلەن پايدىسىز ئامىل ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئېلىشىش بولدى. پايدىلىق ئامىللار دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت باھاسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلار؛ پايدىسىز ئامىللار ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ ئېشىشى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنە بىر قەدەم پەسىيىشى قاتارلىقلار.

پەقەت نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشتە بىرلىككە كېلەلمىسە، يەنە كېلىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەسىيىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتسە، نېفىت بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ياخشى ئەمەس.

تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدىغان تاۋارلار ۋاستىچىسى Marex Spectron نىڭ ئېيتىشچە" گەرچە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېڭى رېكورتىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىتقا بولغان ئېھتىياج يەنىلا كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە ماكرو ئىقتىساد ئەھۋالى يەنىلا ياخشى ئەمەس، دۇنيا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، ياساش كەسپى ۋە ماشىنسازلىق ئېھتىياج كۆرسەتكۈچى بىردەك ئېھتىياج ئاجىزلاشنى كۆرسەتكەن." دەپ ئېيتتى.

نېفىت باھاسى 2014- يىلنىڭ ئوتۇرلېرىدىن بۇيان تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن 75% تۆۋەنلىگەن، نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى چوڭ تىپتىكى نېفىت شىركەتلېرىنىڭ پايدا ئېلىشىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

بۇ ھەپتە، دۇنيا ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ئېكىسون موبىل Mobil) (Exxon شىركىتى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك پەسسىلىك كرىم مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان، ئەنگىليە نېفىت شىركىتى (BP) نىڭ ئېيتىشىچە 2015- يىلدا ئەڭ چوڭ زىياننى كۆرسەتكەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.