ئامېرىكا غەيرى- يېزا ئىگلىك دوكلاتى دوللارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ

rabigul 2016-02-05 16:56:40

\

بۇ ھەپتە دوللار ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى؛ ئاساسلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ نۇتقى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ناچار چىقىش بېسىمى تەسىرىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا 4 سودا كۈنى تۆۋەنلەپ 4ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى پۇل پاخاللىقىنى جانلاندۇرۇش ھەرىكىتى قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۆسۈم نىسبىتى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ياۋرو ۋە ياپونىيە يېنى يەنىلا نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى ھەپتىلىك ئەڭ چوڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا غەيرى- يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى بولۇپ، بازار 1-ئايلىق غەيرى-يېزا ئىگلىك ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن بىر قەدەر كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىن تۆۋەن چىقسا، دوللار تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.