نېفتىنىڭ بۇ ھەپتىلىك تېخنىكىلىق يۈزلىنىشى

parida 2019-04-19 15:09:28

\


بىر قانچە كۈندىن بېرى ئانالىزچىلار ئامېرىكا خام نېفىتى توغرىسىدا مۆلچەر ئانالىزى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تېخنىكىلىق ئانالىز جەھەتتە، خام نېفىتنىڭ كۈندىلىك گرافىكىدا كۆرسىتىلىشچە، باھا يۇقىرىلاپ ئالدىنقى قارشىلىق كۈچى نۇقتىسى 65-64 غا كەلگەن، ھەپتىلىك پەرقلىق باھا بولسا %61.8 لىك رايونغا كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرى نۇقتىدىن قايتا تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن. بۇ نېفىت باھاسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ تۆۋەنكى تېرەك رايوننىڭ كۈندىلىك ئېھتىياج رايونىدىكى 62 ئامېرىكا دوللارلىق نۇقتىلىق سىزىقتا تۇردىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئەگەر نېفىت قىسىقا سىزىقى كۈندىلىك سىزىقتىن ئىككى قېتىم كېسىپ ئۆتەلمىسە، قىسقا مەزگىلدە بۇيۇن سىزىقىنى كېسىپ ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

تۆت سائەتلىك گرافىكىدا كۆرسىتىلىشچە، باھادا ئىككى قېتىملىق يۇقىرىلاش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۈستۈنكى بېسىم كۈچى ئالدىنقى يۇقىرى سىزىقتكى ئورۇننى ساقلىغان.شۇڭا سودا قىلغۇچىلار ھەر ۋاقىت قىسقا مەزگىلدىكى بۇيۇن سىزىقتىن تۆۋەنلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر تۆۋەنلىسە چۈشۈش يۆنىلىشى داۋاملىشىدىكەن. ئەگەر باھا 65 ئامېرىكا دوللاردا مۇقىم تۇرالىسا، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق مال سېتىۋىلىشقا بولىدىكەن. ئەگەر بۇ باھاغا چىقالمىسا، ئۇنداقتا باھا تۆۋەنلەپ كۈندىلىك ئېھتىياج رايونىغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.