نېفىت بۇرغۇلاش سانى قوشۇلدى

kudret 2019-02-11 18:47:08

\



جۈمە كۈنى ئامېرىكا 3‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.08 دوللار ئۆرلەپ، 52.72 دوللار\باك بولدى. برېنت 4‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.47 دوللار ئۆرلەپ، 62.10 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكانىڭ ۋېنسېئۇلاغا يۈرۈشتۈرگەن جازا يۈرىشى نېفىت باھاسىغا ئۈنۈملىك تىرەش ئېلىپ كەلدى، بىراق ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت بۇرغۇلارش سانىنىڭ قوشۇلىشى ھەم ئىشلەپ چىقرىىشنى كېمەيتىش ھەرىكىگە قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مەغلۇپ بولىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراتتى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 52.99 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 62.36 دوللار\باك بولدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدام ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە تۆۋەنگە تەڭشەشنى ئاساس قىلدى، نېفىت باھاسى بىر مەھەل 52 دوللاردىكى پۈتۈن سان ئۆتكۈلىدىن چۈشۈپ كەتتى. 2‏-ئاينىڭ8‏-كۈنىدىكى ئېلان قىلىنغان سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىدە كۆرسۈتىلىشىچە، ئامېرىكا نېفىت بۇرغۇلاش 7 تال قوشۇلغان، بازارنىڭ ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىگە بولغان ئەندىشە كەيپىياتى كەينىگە قايتىمىدى. بۇ ئەھۋال نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.