ئامېرىكا نېفىت شىركىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇر مەلۇماتىغا قىزىقامسىز

kudret 2019-01-28 18:00:43

\

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە تۆۋەنگە تەڭشەشنى ئاساس قىلدى، ھازىر 53 دوللاردىكى باھانىڭ تۆۋەنكى باھالىرىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ۋېنسېئۇلا يەرلىك سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك بولىشى نېفىت باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى ھەم دوللار باھاسىمۇ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىدى. بىراق نېفىت باھاسى ھازىر كۈچلىك ھالدىكى يۇقىرىغا ئۆرلەش ھالىتىدە بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت بۇرغۇلاش سانى 10 تال قوشۇلغان، ئامېرىاك قەرەللىك نېفىت ئىشلەپ چىقرىش ئەھۋالى يەنىلا نېفىت باھاسىغا ئاساسلىق تەھتىت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخنىكىلىق يۈز جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقى ئېنىق يۆلۈنىشى تېخى مۇقۇم ئەمەس، نېفىت باھاسى بەلكىم داۋاملىق تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا نېفىت شىركىتى Baker Hughes ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىدە كۆرسۈتىلىشىچە، 1‏-ئاينىڭ25‏-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا نېفىت جانلىق بۇرغۇلاش سانى 10 تال ئۆرلەپ 862 تال بولغان، 2019‏-يىلى كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرىغا ئۆرلىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.